بو شىلەينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى

خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى، سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىش يولىدىكى ئاخىرقى توسالغۇ ئېلىپ تاشلانغان.

بو شىلەي بۇنىڭدىن بۇرۇن سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇلۇپ، كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغان. خىتاي شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جۈمە كۈنى بو شىلەينىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى كومپارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان قورچاق ئورگان بولسىمۇ، بىراق خىتاي قانۇنى بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشتىن خالى قىلىنىپ، كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى بو شىلەينىڭ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇلۇشى، كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى تېز بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق ئۇنىڭ، 8‏-نويابىر چاقىرىلىدىغان كومپارتىيە 18‏-قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن سوتلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.