ئۇيغۇر بوكسچى مەمەتتۇرسۇن 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولدى

بۇ يىل 12-ئاۋغۇستتىن 15-ئاۋغۇستقا قەدەر كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىتئەسى بوكسچى مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭ، 69 كىلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيون بولغان.

ئۇ مۇسابىقىدە دەسلەپتە، كورىيىلىك، فىلىپپىنلىق ۋە موڭغۇلىيىلىك رەقىبلىرىنى يەڭگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا قازاقىستانلىق رەقىبى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئۇ بۇ مۇسابىقىدە، 19 گە قارشى 24 نومۇر بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ غەلىبىسى بىر ھەپتىدىن بېرى ئۇنىڭ يۇرتى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا قىزغىن سۆھبەت تېمىسى بولماقتا.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، يېقىندا قەشقەردە يۈز بەرگەن يېڭى بازار ۋەقەسى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېمپىيونلۇق نەتىجىسىدىن زور دەرىجىدە تەسەللى تاپقانلىقى كۆرۈلمەكتە.