كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جورج بۇشنىڭ ئىزىنى باسىدىغان باراك ئوبامامۇ ئۇلار بىلەن ۋىدىئو ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى چوڭ دېموكراتىك ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جورج بۇش ئالدى بىلەن دارفۇردىكى دەھشەتلىك توقۇنۇش توغرىسىدا بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشكەن يازغۇچى ھالىما بېشىر بىلەن كۆرۈشتى. ھالىما بېشىر ئاقسارايدا دارفۇر ۋەقەلىرىنى تونۇشتۇردى.
مىسىر، ۋىنېسۇئىلادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئاقسارايدىكى بۇ ئۇچرىشىشقا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتناشتى. خىتاي، كۇبا، ئىران ۋە بېرمىلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نەق مەيداندىن ئۇچۇر يوللىدى.
