پرېزىدېنت بۇش ھاكىمىيەت سورىغان يىللىرىدا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئاقلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا خەلقىغە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلېۋزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىلدا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئاقلىدى.

بۇش ئاقسارايدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇتقىدا ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا دېموكراتىيە ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇش مۇنداق دەيدۇ: " ئافغانىستان تالىبانلار ئەل قائىدىگە چاپان ياپىدىغان، كوچىدىكى ئاياللارغا تاش ئاتىدىغان بىر دۆلەتتىن، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىدىغان، قىز بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ياش دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە ئايلاندى." ...." ئىراق بولسا شەپقەتسىز بىر دىكتاتور ھاكىمىيەتتىن، ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىشكە قەسەم ئىچكەن بىر دۆلەتتىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كىندىگىدىكى ئامېرىكىغا دوست دېموكراتىك بىر ئەرەب ھاكىمىيىتىگە ئۆزگەردى."

پرېزىدېنت بۇش سابىق پرېزىدېنت نىكسوندىن كېيىن ئامېرىكا خەلق رايىنىڭ ئەڭ ئاز قوللىشىغا ئېرىشكەن پرېزىدېنت بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدە دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، " سىلەر مەن چىقارغان بەزى ھەل قىلغۇچ قارارلارنى توغرا تاپماسلىقىڭلار مۇمكىن. لېكىن سىلەرنىڭ بۇ ھەل قىلغۇچ قارارلارنى ئۆزەمنىڭ چىقارغانلىقىغا قوشۇلۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن."

پرېزىدېنت بۇش 20 ‏ - يانۋار كۈنى ئاقسارايدىن رەسمىي ئايرىلىپ، ئورنىنى يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوباماغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇ تېلېۋىزىيە نۇتقىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ۋارىسى ئوبامانىڭ كەچۈرمىشى " ئامېرىكا ۋەدىسىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك" لىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.