ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبى چاڭ-توزانلىق بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغان

يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋە ناھىيىلەر چاڭ-توزانلىق بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

شىنخۇا تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە شۇنداقلا قىزىلسۇ، ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىسى چاڭ-توزانلىق بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاسماننى قاپلاپ كەتكەن قويۇق چاڭ-توزان سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قۇلايسىزلىقلار پەيدا بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق بوران ئاپىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر بوران ئاپىتى بولۇپ، ئاپەت بۇ رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ئىشلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان سالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، چاڭ-توزانلىق بوراننىڭ سەۋەبى تارىم ۋادىسىنىڭ توپىلىق شۇنداقلا قۇرغاقچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغان بىر رايون بولۇشى ۋە نەملىك نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدەك ئامىللار بىلەن باغلاپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇلار مول سۇ مەنبەسىگە ئىگە بولغان تارىم دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سۇ مەنبەلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنىپ، قالايمىقان بوز يەر ئېچىشى نەتىجىسىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تارىم ۋادىسىدا يۇقىرىقىدەك ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.