چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.12.19
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.
دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 30 نەپەر مۇخبىر ۋە 69 نەپەر تورداشنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تۈرمىدىكى مۇخبىر ۋە تورداشلارنىڭ سانى ئىزچىللىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاغدۇرمىچىلىق، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخبۇبە ئابلەش، مەمەتجان ئابدۇللا، غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل خىتاي سىياسىي ساقچىلىرى ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق سۆز ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە مىكرو بلوگ ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تەقىب قىلىشقا قاراتقان.