تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئاشلىق ئېلان قىلدى

تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئادۋوكاتى پەيشەنبە كۈنى، چېن شۈيبيەننىڭ ئاشلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

چېن شۈيبيەن 12 ‏ - نويابىر كۈنى تەيۋەن باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن " دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك خىراجىتىگە خىيانەت قىلغان " دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بىر قانچە سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن سولاپ قويۇلغان. بۈگۈن ئاشلىق ئېلان قىلغان چېن شۈيبيەن، ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى سىياسىي غەرەزلىك سۈيىقەست دېدى.

چېن شۈيبيەننىڭ ئادۋوكاتى چېن ۋىنلۇڭ: "چېن شۈيبيەن ئاشلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، تەيۋەن ئەدلىيىسىنىڭ قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى بىلەن تەيۋەن ئارىلى دېموكراتىيىسىنىڭ كەينىگە چېكىنىش ئەھۋاللىرىنى كىشىلەرگە ئاشكارىلىماقچى " دېگەن.

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن چېن شۈيبيەن يەنە، ھازىرقى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ ئۇنى ئەيىبلەش ئارقىلىق جۇڭگۇ دائىرىلىرىنى خۇش قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 5 ‏ - ئايدا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ما يىڭجيۇ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت سىياسىي مۇددىئاسىنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىۋاتقان گومىنداڭ ئەمەلدارى.