'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، چەتئەللەرنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغى بىراقلا بەش مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازلىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى سانائەتلەر قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئېكىسپورت مىقدارى تېز سۈرئەت بىلەن ئازلاشقا باشلىدى.
خىتايدا چەتئەل مەبلەغلىرى بىلەن يۈرۈشۈۋاتقان بىر مۇنچە شىركەتلەر تاقىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغان مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىشچىلار ئىشتىن بوشىدى. چەتئەللەرنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن توختاملىرى قۇرۇق قالدى.
