چىڭخەي ئۆلكىسى كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ پاختا تېرىشكە ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈردى

چىڭخەي ئۆلكىسى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىغا 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى پاختا تېرىشكە ئەۋەتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر 41 مىڭ چىڭخەيلىك ئىشچى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، پاختا تېرىش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن. بۇنى چىڭخەي ئۆلكە ھۆكۈمىتى ئاكتىپ قوللىغان ۋە ھەرىكەتلەندۈرگەن.

شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىل چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئەمگەك كۈچى بايلىقى نازارىتى «بىۋاسىتە پىلانلاش، ئالدىن ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت باشلامچىلىق قىلىش» ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، چىڭخەي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ پاختا تېرىشكە ھەرىكەتلەندۈرگەن.

ھەر قايسى مۇلازىمەت ئورگانلىرى تۆمۈر يول، تاش يول ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەخسۇس پويىز ئاجرىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پاختا تەرگۈچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا توشىغان. ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم پويىز ئاجرىتىلىپ، 9600 نەپەر ئادەم توشۇلغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە پاختا تەرگۈچىلەرگە قوشۇمچە تۇرمۇش پۇلى بېرىش، ئۇلارنى سالقىنلاتقۇچ ئورنىتىلغان پويىزلارغا ئولتۇرغۇزۇش، بېلەت باھاسىدا ياردەم بېرىپ، بېلەت پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ھۆكۈمەت زىممىسىگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، چىڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشىنى ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگەن.

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا مەزگىلى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ پاختازارلىقلىرى زور ساندا ئىشچىلارغا موھتاج بولماقتا.