خىتاي دائىرىلىرى چوڭ قۇرغاقچىلىققا تەييار تۇرۇشنى تەكىتلىمەكتە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بۈگۈن خەلققە، ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چوڭ قورغانچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈشكە تەييار تۇرۇش كېرەك دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇغداي چىقىدىغان شەندۇڭ قاتارلىق رايونلاردا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ شىمال ۋە شەرق تەرەپتىكى رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇلا ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

تۈنۈگۈن ب د ت نىڭ يېمەك ئاگېنتلىقى خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇغداي ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان خىتايدا، بىر ئايدىن بۇيان قۇرغاقچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ بېسىمىدا، خىتايدا يېمەك باھاسى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدىلا 8% ئۆرلەپ كەتتى، خەلقئارا يېمەك باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا ھازىرقى يېمەك باھاسى 11‏-ئايدىكىدىن 35% يۇقىرى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

«نيۇ-يورك تايمىس» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي گەرچە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما يېمەك مەسىلىدە خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

خىتاي 2010‏-يىلىدا خەلقئارا بازاردىن ئاشلىق ئىمپورت قىلمىدى ياكى خەلقئاراغا ئاشلىق ئېكسپورت قىلمىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر خىتاي خەلقئارادىن يېمەك سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاشلىق باھاسىدا زور داۋالغۇش بولىدىغانلىقى ئېنىق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.