دالاي لاما شەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تىنچلىق توغرىسىدا تەلىم بەردى
لېكسىيە شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا يېقىن جايدىكى چىملىقتا ئۆتكۈزۈلدى، ئېچىلىش نۇقتىنى ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى ۋۇپى گولدبېرگ سۆزلىدى.
يىغىلىشقا بىر نەچچە مىڭ ئادەم قاتناشتى. دالاي لاما نۇتقىدا «قەلب تىنچلىقى بىلەن دۇنيا تىنچلىقى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا تەلىم بەردى.
دالاي لاما ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
پەيشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دالاي لامانى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋالىدىغان ياكى كۈتىۋالمايدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.