دالاي لامانىڭ ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات سىياسەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىقى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

نۆۋەتتە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەت داھىيسى دالاي لاما، تىبەتلەردىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەردىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.12

بۇ سۆزگە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭلېي بۈگۈن تېزلا جاۋاب قايتۇردى.

خىتاي باياناتچى سۆزىدە دالاي لامانىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇنى مەدھىيىلىگەنلىكنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇنى ھەم دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ھەم دىنىي پرىسىنپلارغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي باياناتچى يەنە «جۇڭگو خەلقى دالاي لامانىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ» دەپ تۇرۇقلۇق، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ دالاي لاماغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىگە قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە دالاي لاما ياپونىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۇنىڭ ياپونچە نامى بىلەن ئاتىغان. بۇ خىتاي تەرەپنىڭ زىتىغا تەككەن بولۇپ، خىتاي باياناتچى، «دالاي لاما ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىك مەقسىتىگە يەتمەكچى» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.