رويتېرسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دالاي لاما بۇ يەرگە سابىق پولشا پرېزىدېنتى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى لىخ ۋالىسە ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن بولۇپ، ساركوزىيمۇ مەزكۇر يىغىنغا كەلگەن ئىدى، دالاي لاما مەزكۇر شەھەردە يەنە پولشا باش مىنىستىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان.
ساركوزىي ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن رەھبەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 7 - دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي فرانسىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ، ساركوزىينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ فرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لىئۇ جىەنچاۋ بايانات ئېلان قىلىپ، ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ قېتىم فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى، يېقىندا تىبەتلەرنىڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ، تىبەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنىڭدەك خىتاي - تىبەت سۆھبەتلىرى ئۈنۈم بەرمىگەن بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. ياۋروپا دۆلەتلىرى ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىشنى قوللىغان.
