دالاي لاما، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ 4 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئوپىراتسىيە ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆتىدىكى تاش ئېلىۋىتىلگەن. بۇ يىل 8 - ئايدا، دالاي لامانىڭ سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن بىر قانچە دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارەت پىلانى بىكار قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە دارامسالادا دەم ئېلىۋاتقان دالاي لاما، بىرىنچى سەپىرىنى ئالدى بىلەن ياپونىيىدىن باشلايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردە مەيلى قانداق شەكىلدە بولسۇن، زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلمەكتە. ئەمما دالاينىڭ دىنىي سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلغان دۆلەتلەر، خىتاينىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ئۇنى ئۆز دۆلەتلىرىگە تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتلىرىنى ئاڭلىتىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە.
