داليەن شەھىرىدە 12 مىڭ ئادەم نامايىش قىلدى

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، داليەن شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى 12 مىڭ ئادەم نامايىش قىلىپ، نېفىت-خىمىيە زاۋۇتىنى كۆچۈرۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

داليەن نېفىت-خىمىيە زاۋۇتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى تاشقىنغا بەرداشلىق بېرەلمەي بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر پخ بەلگىلىك راك پەيدا قىلىدىغان زەھەرلىك ئاجرالمىنىڭ ئۆتكۈز ھېدىنى سەزگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنى توستى، نامايىشچىلار بىلەن قاتتىق ئېلىشتى، بىر قىسىم نامايىشچىنى تۇتۇپ كەتتى. ئەمما خەلق بوتۇلكا ئېتىپ ساقچىلارنى چېكىندۈردى. خىتاي ساقچىلىرى كەچ سائەت 4 كېچە نامايىشچىلار بىلەن تېرىكىشىپ ئامالسىز قالغاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىمىيە زاۋۇتىنى كۆچۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.