ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە تىبەت قۇرۇلتىيى باشلاندى

17 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى كەلگۈسى تىبەت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە قۇرۇلتاي باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.17

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قۇرۇلتاي بىر ھەپتە ئېچىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلتايدا ئاساسەن تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان “تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش” تەشەببۇسىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ، ياكى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان باشقىچە يول تۇتۇش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت مەسىلىسى سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە ۋە ياكى ھازىرقىدىن ئۆزگىچە ھەر قانداق شەكىلدىكى ھوقۇقلارنىڭ قەتئىي بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى باياناتچىسى لوبساڭ چوداكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت دارامسالادا ئېچىلىۋاتقان تىبەت قۇرۇلتىيىغا دالاي لاما قاتناشمايدىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.