ئۈرۈمچىدە 'دېڭىز سۈيىنى غەربكە باشلاش قۇرۇلۇشى' ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان

"بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى"نىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى ئىقتىسادىي، ئېكولوگىيىلىك، بىخەتەرلىك ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئامىللار سەۋەبىدىن بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغان.

يېقىندا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 120 دەك مۇتەخەسسىس ئۈرۈمچىدە يىغىن ئېچىپ، بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پىلان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە مۇھىتنى قوغدىغۇچى ئاكتىپلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

"ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5‏ - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان يىغىندا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىدىن پروفېسسور خۇ يۇگۇاڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان چىقىم تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ، يۆتكەشكە بولىدىغان سۇ مىقدارى ۋە ئىقتىسادى - ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروفېسسور خۇ يۇگۇاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شەرقنىڭ سۈيىنى غەربكە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى شىنجاڭدا 10 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر كېلىدىغان بىر كۆلنى بەرپا قىلىش بولۇپ، بۇ بوخەي دېڭىزىنىڭ بىر يېرىم ھەسسىسىگە تەڭ دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بوخەي دېڭىزىدىن 3 تىرلىئون 700 مىليارد توننا سۇ يۆتكەشكە توغرا كېلىدىكەن.

پروفېسسور خۇ يۇگۇاڭ يەنە، بۇ پىلاندا سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ھېسابقا ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىر توننا سۇنى دېڭىز يۈزىدىن 1280 مېتىر ئېگىزلىككە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن 4.6 كىلوۋات توك سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، 3 تىرلىئون 700 مىليارد توننا سۇنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئاپىرىش ئۈچۈن 30 تىرلىئون يۈەن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ يۇگۇاڭ، بۇ چىقىمنىڭ ھېسابقا ئېلىنغان - ئېلىنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن، ئامېرىكا ۋال سترېت ژۇرنال گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئىقتىسادى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى شىن بۇ قۇرۇلۇشنى قوللاپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2006‏ - يىلى خىتاي دۆلەت كابىنتىغا بۇ ھەقتە دوكلات يوللىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن جياباۋ دوكلاتنى كۆرۈپ چىقىپ، تېخىمۇ تەپسىلىرەك تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.