قازاقىستاندىن تارقىتىلىدىغان ئىنتېرنېت مەجمۇئەسى"گازېتا.كز"نىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇر چولپىنى دىلناز ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئالبومىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ناخشىچىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئالبومدا، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى موسكۋادا سىرلىق قازا قىلغان ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى ۋە كومپوزىتورى مۇرات ناسىروفنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىجادىيىتى"رومېئو - جۇلىتا" ناملىق ناخشا ھەمدە "ئويغاتقىن مېنى"، "يىگانە قالدىم" قاتارلىق 12 ناخشا ئورۇن ئالغان. مەزكۇر ناخشىلارنىڭ بىر قىسىمى ئىنگلىز تىلىدا، كۆپ قىسىمى رۇس تىلىدا ئېيتىلغان.
دىلناز ئەخمەدى ئادەتتە دىلناز ئەخمەدىيېۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ئەخمەدىنىڭ نەۋرىسى، قازاقىستان خەلق ئارتىسى مۇرات ئەخمەدىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدە قازاقىستاندا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى.
دىلناز ئەخمەدىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكىغا كېلىپ، سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا سەھنىلەرگە يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم.