قاغىلىق ناھىيىسىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر تەقدىرلەندى

قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىتىمقۇم يېزىسى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن يېزا مەيدانىدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش يىغىنى چاقىرىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشتە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.15

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ چوڭ يىغىنغا يېزا ئاھالىسى، يېزا كادىر-رەھبەرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 600-500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يېزا رەھبەرلىك دائىرىلىرى يېزا ئاھالىسىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ئۈچۈنلا ھەر ساھە كىشىلەردىن 200 كىشىنى مەخسۇس نازارەتچىلىككە قويغان بولۇپ، بۇ نازارەتچىلەرنىڭ بىر قىسمى شۇ كۈندىكى چوڭ يىغىندا مۇكاپاتلانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 200 نازارەتچى يېزىدا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، نازارەت قىلىش، دائىرىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى نەپەس ئالغۇسىز دەرىجىگە ئەكېلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ سىياسىتىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق دىنىي پائالىيەتنىڭ قانۇنسىز ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بەرمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى، ھەتتا ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنىمۇ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت كاتېگورىيىسىدە بىر تەرەپ قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.