ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە چەكلىمىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا ۋە چەكلىمىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ خوتەن، قەشقەردە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن ئىلھام ئالغان «تېررورلۇق» ھەرىكەت دەپ ئېلان قىلىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن گۇمان بىلەن قارالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «يۇقىرى بېسىملىق» بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقى، «زوراۋانلىق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» قىلغان ھەر قانداق ئادەمگە «رەھىم-شەپقەت» قىلمايدىغانلىقىغا دائىر سۆزلىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېئونارد لېونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتى باش-ئايىغى يوق، ئىزچىل تەكرارلىنىدىغان باستۇرۇش ۋە نارازىلىققا ئېلىپ بارغانلىقى»، «ھەتتا ئەڭ ئەقەللىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ پاكىتى بولۇپ قالغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، بېيجىڭنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھاياتىغا قارىتىلغان ئىزچىل باستۇرۇش، مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» لىكى تەكىتلەنگەن.