قۇدرەتلىك ئىلاھ خرىستىئان تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئەزاسى قارامايدا قولغا ئېلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى «قۇدرەتلىك ئىلاھ» خرىستىئان تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۈگۈن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھازىرغىچە بۇ تەشكىلاتقا ئەزالىرىدىن 1000 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىشىلەر 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرقى زامان بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنى دىنغا ئىشىنىشكە، بارلىق ناچار ئىشلاردىن قول ئۈزۈشكە چاقىرغان ۋە شۇنداق قىلغاندىلا ئامان-ئېسەن قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەرىقەت ئەزالىرىنىڭ پىتنە-پاسات تارقىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش ۋە ئاخىرقى زامان سەپسەتىسى بىلەن كىشىلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئەمما بۈگۈن ب ب س ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ نامايىشلىرىدا ھەم شۇنداقلا تارقاتقان تەشۋىق ۋەرەقىلىرىدە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش، پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاش چاقىرىقلارنىڭمۇ يەر ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن يەنە خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئاخشام ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدىمۇ مەزكۇر خرىستىئان تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئەزاسى قولغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، قارامايدا بۇ يىل ئىچىدە قۇدرەتلىك ئىلاھ تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان جەمئىي 10 كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان، 3 سى تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە 6 كىشى تەربىيىلەش كۇرسىغا ئەۋەتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ خرىستىئان تەشكىلاتى ھەققىدە ئوچۇق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىسىمۇ، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ 1990-يىللاردا ئالدى بىلەن خېنەن ئۆلكىسىدە قۇرۇلغانلىقى ۋە ناھايىتى كەڭ يىلتىز تارتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.