ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2011.08.24
«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ 23- ئاۋغۇستتىكى سانىغا خىتاي تەتقىقاتچى مىن ئەينىڭ بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارنى بىر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەت سۈپىتىدە كۈچەيتىپ باشقۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
بۇنىڭدا ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي قانۇنىنى تەشۋىق قىلىشىنى كۈچەيتىپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە بولغان چۈشەنچىنى ئاشۇرۇش»، «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش»، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەش ۋە «دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش» قاتارلىقلار ماددىلارغا بۆلۈپ شەرھلىگەن.
ماقالىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن:«سىياسىيدا ئىشەنچلىك بولۇش، دىنىي بىلىمى چوڭقۇر بولۇش، ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى بار بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئەسقاتىدىغان بولۇش» تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان دىنىي چەكلىمىسى ئەزەلدىن قاتتىق بولۇپ، ھەر يىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.