مەزكۇر كومىتېت چارشەنبە كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قامال قىلىشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى كاترىنا لانتوس سۋەت خانىم دوكلاتتا مۇنداق دېگەن:
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بېرىپ، بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەتتا دىن ئۆگىنىش ئۈچۈن تىنچ ھالدا بىر يەرگە يىغىلغان كىشىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلماقتا. دەرۋەقە، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھېچقاچان مۇقىملىقنى ياكى خەۋپسىزلىكنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، دەرھال ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنى ئاياغلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ رامزان مەزگىلىدە بۇنى قەتئىي توختىتىشى كېرەك.
دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇش، كۈندىلىك دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن چەكلىنىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ ياغلىق سېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشتىن چەكلىنىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار بىلەن بىرگە، خوتەندىكى دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 17 ئۆسمۈرنىڭ خىتاي خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلىنىش ۋەقەسى ۋە شۇنىڭدەك قەشقەردە دىنىي ماتېرىيال تارقاتقان بىر كىشىنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋەقەلىرى بىردەك تىلغا ئېلىنغان.
