خوتەندە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا، 129 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان.

خوتەن ھۆكۈمەت تور بېتى خەۋىرىدە، بۇ قېتىم خوتەندە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 1400 كىشى تەكشۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندە بۇ 1400 كىشىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قوشۇلۇپ، تەخمىنەن 3000 دىن ئارتۇق كىشىگە جەرىمانە قويۇلغان. 200 ئورۇندىكى مەسچىت تەكشۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 13-فېۋرال كۈنى شى جىڭپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە، رايون تەۋەسىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى باستۇرۇشتا، تەڭرىتاغ رايونىدىكى 2 مەسچىت «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت سورۇنى» دېگەن نامدا تاقىۋېتىلىپ، 3 كىشى قولغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق ئادەم جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى بېجىرمىگەن دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن باشلانغان. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.