ئۇ، بۇنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر مەخپىيەتلىكلىرىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ مۇنداق دېگەن:
خىتاي ئارمىيىسى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ. خىتايدىن كەلگەن بۇ ھەربىي ئۆمەك ئىگىلىگەن ھەربىر ئۇچۇرنىڭ كەلگۈسىدە بىزگە قارشى قوللىنىلىدىغانلىقىغا قىلچىلىك گۇمان يوق.
خىتاي ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ باشلىقى چېن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئامېرىكىدا 7 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ھەربىي بازىلاردا زىيارەتتە بولىدۇ. دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئېلىننا خانىم سۆزىدە ئەسكەرتىپ «بىز ئۆزىمىزنىڭ مېھماندوستلۇقىنى ۋە سەمىمىيىتىمىزنى كۆرسىتىمىز دەپ، خەۋپسىزلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. مەجلىس دەرھال خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈملىرىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، كېرەك بولسا ئۇنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن.
ئىلېننا خانىم خىتاي قومانداننىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ نېۋادادىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى «ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ كۆرسەتكەن.