دۇنيا گېزىتچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە مەتبۇئاتلارغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى

مەركىزى پارىژدىكى دۇنيا گېزىتچىلار جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىك مەزگىلىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان كەڭچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ جۇڭگو مۇخبىرلىرىغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.02

جۇڭگو ئۆتكەن يىلى1 ‏ - ئايدا "بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەمدە مەزكۇر مۇراسىمغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئالاھىدە كەڭچىلىك بېرىش ھەققىدە مەخسۇس نىزامنامە تۈزۈپ چىققان ئىدى."

بۇنىڭدا ئەگەر چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلار، زىيارەت قىلماقچى بولغان ئىدارە ۋە ياكى بىرەر شەخسنىڭ ماقۇللۇقى بىلەنلا زىيارەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى، ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەقىقى ئاخبارات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىدى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان نىزامنامە 17 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

دۇنيا گېزىتچىلار جەمئىيىتى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە، مەتبۇئات ئەركىنلىكى شۇنىڭدەك پۇقرالارغا سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.