تونۇلغان مۇزىكانت ئەبەيدۇللا تۇردى ۋاپات بولدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.01.04
2009.01.04
ئىگىلىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى ساھەسىدىكى بىر يوقىتىش دەپ قارالغان بولۇپ، مەرھۇم 1965 - يىلىدىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە بىر ئۆمۈر تىياتىرچىلىق ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان ھەمدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر ئوپېرا، دراما ھەم كىنو تارىخىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ مۇزىكىلىرى ئىشلەنگەن، ئۇنىڭ "سالام سىزگە مۇئەللىم"، "بىر ئۆمۈر يارىڭ بولاي"، "ئانا ۋەتەن" قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشا - مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ئىدى.
ئەبەيدۇللا تۇردى 1941 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بېيجىڭدىكى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى تۇنجى قېتىم پۈتتۈرگەن، كەسپىي خادىملاردىن بىرى ئىدى.
ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەم گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشقان پەرزەنتلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق پەرزەنتلىرىنى قەدىرلەيدۇ.