ئۇ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: مەن سۇدان ئارمىيىسىگە ئۇلار جەنۇبىي كوردافاندىكى ئۇنسۇرلار تازىلىنىپ بولغۇچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بۇيرۇقى بەردىم. ئۇ بۇ سۆزلەرنى سۇدان پايتەختى خارتۇمدىكى جۈمە نامىزىمدا قىلدى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي زىيارىتى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرىغا چىقتى. سۇندا پرېزىدېنتى خەلقئارا سوت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان پرېزىدېنتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم خىتاينىڭ ئەل بەشىرىنى كۈتۈۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەل بەشىر ئىلگىرى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.