خىتاي دالاي لاما مەسىلىسىدە ئەنگلىيىدىن ئۆچ ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن بۈگۈن ئەنگلىيىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ: ئەنگلىيە خىتاينىڭ شۇنچە نارازىلىقىغا قارىماي، دالاي لامانى قوبۇل قىلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا پۈتۈنلەي ئەنگلىيە مەسئۇل، دېدى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرۇن بۇ يىل 5-ئايدا دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىپ، دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئەمما ۋەقەدىن قاتتىق نارازى بولغان خىتاي دائىرىلىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيىگە قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان ئىدى.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى لورد گرىننىڭ بەزى خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن ئالدىن بېكىتىلىپ بولغان ئۇچرىشىشلىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان.

مۇخبىرلار بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا: بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزدىن ئەمەس، ئەنگلىيىدىن سورىشىڭلار كېرەك، دەپ جاۋاب بەرگەن.

«زور ۋەقەلەر» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما مۇشۇ ھەپتە يەنە ئەنگلىيىدىكى بىر قانچە مۇھىم شەھەرلەردە ئون كۈن زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھازىر بۇ زىيارەتكە ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا ئىكەن.