تۈركىيە "دۇنيا" خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇچرىشىش 1 سائەت 40 مىنۇت داۋام قىلغان. ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا تەرەپ ئاساسلىقى، ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىدە تۈركىيىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپلىرىدە بولغان.
باش مىنىستىر ئەردوغانغا تۈركىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەلى باباجان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىقلار ھەمراھ بولۇپ كەلگەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۈگۈن كەچقۇرۇن سائەت 4تە جون ھاپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا "21 - ئەسىردىكى تۈركىيە: دىئالوگ ئارقىلىق تىنچلىق ئورنىتىش" تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
باش مىنىستىرى ئەردوغان يەنە، دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىمدا، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىدە تۈركىيىنىڭ دۇنيا سىياسىيسىدىكى ئورنى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
