ئەسەد قوزغىلاڭچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2013.01.06
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئەسەد سۆزىدە قوزغىلاڭچىلارنى « سۈيىقەستچىلەر ۋە تېررورىستلار» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇلارنى 2011 - يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبكارى دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئەسەد سۆزىدە يەنە ئۆكتىچى كۈچلەرنى «غەربنىڭ قورچاقلىرى» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىككى يىلغا يېقىن سوزۇلغان توقۇنۇش جەريانىدا سۈرىيىدە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئەسەد نۇتىقىدا يەنە غەربنى سۆكۈش بىلەن بىرگە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننى تىلغا ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆرسەتكەن قوللاشلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ سۈرىيىدىكى ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش ھەمدە ئەسەدنى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىش چاقىرىقلىرى كار قىلمىغان بولۇپ، ئىچكى توقۇنۇشلار كۈنسايىن ئېغىرلاشقان. ئەمما، ئەسەد سۆزىدە سىياسىي ئىسلاھات قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.