تەتقىقاتچى چېن خېنەندە قان ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرى ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

ئىلگىرى خىتاي سەھىيە ئىدارىسىدە ۋە خىتاي ساغلاملىق تەربىيىسى تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن چېن فامىلىلىك سەھىيە خادىمى 24-سېنتەبىر بوشۈن تور بېكىتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.09.25

ئۇ خېتىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، خېنەندە يۈز بەرگەن قان ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرى مەسىلىسىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان، ھازىرقى خىتاي سىياسىي بيۇرو ئەزاسى لى چاڭچۈن ۋە 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىش ئالدىدا تۇرغان لى كېچاڭنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەتتە بايان قىلىنىشىچە، 90-يىللاردا خېنەندە ئۆلكە باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن لى كېچاڭ ۋە شۇ يىللاردا خېنەندە «قان جەۋھىرى ئىقتىسادى» نى تەشەببۇس قىلغان لى چاڭچۈن قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ، شۇ يىللاردا خېنەندە يۈز بەرگەن 300 مىڭ ئادەمنىڭ قان ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش، 100مىڭ ئادەمنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈشىدەك پاجىئەدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە ھازىرغىچە سۈرۈشتۈرۈلمىگەن، قان سېتىش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرىغىمۇ ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن.

مەزكۇر خەتنىڭ ئاپتورى چېن فامىلىلىك سەھىيە خادىمى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خېنەندە يۈز بەرگەن قان ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرى مەسىلىسىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنىڭ پولاتتەك پاكىت تۇرۇقلۇق، 20 يىلغىچە قانۇنىي جازاغا تارتىلماسلىقىدا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بارلىقىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چېن ئەپەندى بايانىدا، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە يەتتە قېتىم دوكلات يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما 4-قېتىملىق دوكلاتتىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنى ساقچىلار ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تەھدىت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش يولى ئارقىلىق ئاشۇ ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.