ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوللانمىسى» نى ئېلان قىلدى

يېقىندا بېيجىڭدىكى ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوللانمىسى» ناملىق كىتابچە ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.09.06

مەزكۇر قوللانما 45 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنغا ئاساسەن ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ۋە تەلەپ قىلىشىغا پايدىلىق بولغان ھوقۇقلىرى، شۇنداقلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئالاقىدار بولغان قانۇن-ماددىلار ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىدىكى ئالاقىدار ماددىلار بېرىلگەن.

بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى 2006-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىغا قىلغان ياردەملىرى ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇق داۋالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان بىر جەمئىيەتتۇر. بۇ جەمئىيەت 2010-يىلى ئىچكىرى خىتايدىكى كۆچمە نوپۇس ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك، ئولتۇراقلىشىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى مەزكۇر قوللانمىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقىدىغان ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئالدى بىلەن مەۋجۇت قانۇنلار ئارقىلىق قوغداشنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر قانۇن قوللانمىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.