خىتاي دائىرىلىرى ئەي ۋېۋېينىڭ «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي دائىرىلىرى داڭلىق سەنئەتكار، ئۆكتىچى ئەي ۋېيۋېنىڭ باج يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئاۋازى بولغان ۋېن ۋېپو گېزىتى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولىدا ئەي ۋېيۋېينىڭ باج يوشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى، ئەي ۋېيۋېينىڭ ھازىر مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن ۋېيپو گېزىتى خەۋىرىدە يەنە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بارلىق دەلىللەر ئۈستىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەي ۋېيۋېينىڭمۇ ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ، ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما ئەي ۋېۋېينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئۇنى قارىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

داڭلىق ئارتىس، ئۆكتىچى ئەي ۋېيۋې 3-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قىلمىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.