ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ، مەزكۇر ئورۇننىڭ بېيجىڭ باج ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچراپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ 18-دېكابىر كۈنى دۆلەتلىك ئامانلىقنى قوغداش ۋە باج ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆزلىرى بىلەن شەرتسىز يوسۇندا ماسلىشىشقا چاقىرىلىپ سوئال-سوراق قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەيجىشىڭ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا 2004-، 2006، 2007-يىللىرى بېيجىڭ باج ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرغانلىقى كۆرسىتىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتىن بېسىم قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلانغان ھەمدە يېقىندا ليۇ شاۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسى خۇ جيا بېيجىڭدا تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. يېقىندا بېيجىڭ مەركىزىي مىللەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئىلھام توختى ئەپەندى دۆلەت ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن ئائىلىسى بىلەن بىرگە بىر ھەپتە نەزەربەند قىلىنغان.