فرانسىيىلىك دىپلوماتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساركوزىي بىلەن دالاي لاما كۆرۈشكەندىن كېيىن بىر قانچە كۈنگىچە فرانسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىش مۇمكىن بولمىغان.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى فرانسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتى خاكلىنىش ۋەقەسىگە ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەلچىخانا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تور بېكىتىنى خاكلاشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن فرانسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتى خاكلىنىش ۋەقەسىدە " بىز فرانسىيە تەرەپتىن ھېچقانداق سۇئال ياكى ئەندىشە تاپشۇرۇۋالمىدۇق" دەپ كۆرسەتتى.
ليۇ جيەنچاۋ يەنە " مەتبۇئاتلار بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلغاندا يېتەرلىك پاكىتنى ئاساس قىلىشى، جۇڭگونى نىشانغا ئالماسلىقى كېرەك" دەيدۇ.
فرانسىيىلىك بىر دىپلومات ئەلچىخانا تور خەت ساندۇقىنىڭ تولدۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئىلگىرى ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى يەنە فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كوچىنېرنىڭ ئىختىلاپنى تۈگىتىش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى رەت قىلىپ، " بىز بۇ چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ياكى ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارىمايمىز"، دەپ تەكىتلىگەن.
فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، " بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينى رەنجىتىش ئەمەس دەپ تەكىتلىگەن كوچىنېر " بىز خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئەپسۇسلىنىمىز. مەن ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن،" دېگەن ئىدى.
