فرانسىيە پەلەستىننىڭ ب د ت دا «نازارەتچى دۆلەت» بولۇش ئىلتىماسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.11.27
پەلەستىن ب د ت دا بۇ خىل سالاھىيەتكە ئېرىشسە، ب د ت ئىچىدىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلالايدىغان، بولۇپمۇ، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز سۇنالايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىلتىماسقىمۇ ئىسرائىلىيە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بۈگۈن فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، فرانسىيىنىڭ كېلەر ھەپتە ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئاۋازغا سېلىنىدىغان پەلەستىننىڭ مەزكۇر تەلىپىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانسىيىنىڭ بۇ مەيدانىغا ئىزاھات بېرىپ، فرانسىيىنىڭ بۇرۇندىنلا پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزالىق ئىلتىماسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا پرىنسىپال مەيدانىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەلەستىننىڭ ئەزا بولمىغان نازارەتچى دۆلەتلىك سالاھىيەت تەلىپىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فرانسىيە پەلەستىننىڭ ب د ت غا سۇنغان ئىلتىماسىنى قوللىغان تۇنجى چوڭ ياۋروپا دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ.