8600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق خىتاينىڭ جۇجياڭ دېلتىسىغا تۇتۇشىدۇ.
يىلىغا 30 مىليارد كۈپ مېتىر گاز يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە مەزكۇر تۇرۇبا يولىغا 21 مىليارد 880 مىليون دوللار خام چوت ئاجرىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەزكۇر تۇرۇبا يولى قورغاس ئېغىزىنى مەركەز قىلىپ، غەربىي لىنىيە ۋە شەرقىي لىنىيە دەپ ئىككىگە ئايرىلغان.
غەربىي لىنىيە تۈركمەنىستانغا، شەرقىي خىتاينىڭ جۇجياڭ دېلتىسىغا تۇتۇشىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ 4865 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شەرقىي لىنىيىسىدە 2009-يىلى ئىش باشلانغان. غەربىي لىنىيىنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن باشلانغان ئىدى.
جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرۇبا يولى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى رەسمىي ئىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم سىناق قىلىنىدىكەن.
غەرب-شەرق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ بىرىنچى لىنىيىسى تارىم-شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى بولۇپ، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ھازىر تارىمدىن شاڭخەيگە يىلدا 12 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز يوللانماقتا ئىكەن.
لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىلەپ ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدىن شۇنداقلا مۇھىتنىڭ ئىلگىرىلەپ ۋەيران بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.