گېرمانىيە ئەدلىيە تارماقلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بىر ئۇيغۇرغا جازا ئېلان قىلدى

بۈگۈن گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە ئەدلىيە تارماقلىرى، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان 45 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەرگە بىر يىللىق تۈرمە سىرتىدا نازارەتكە ئېلىش جازاسى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.10.12

بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە ئەدلىيە تارماقلىرى ئىسمىنى ئاتىمىغان بۇ ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئىسمى رىشات رەجەپ.

گېرمانىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر جاسۇس 2005‏-يىلىدىن 2009‏-يىلىغىچە، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا، ياۋروپادا مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان 700 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى پائالىيەتلىرى ۋە باشقا شەخسى ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوللاپ، ئۇنىڭدىن ھەق ئېلىپ تۇرغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېگەن تەشكىلاتنى «تېررورچى» دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ ئەيىبلەشنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.