مۇخبىر غەيرەت نىيازنىڭ سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.22
2010.07.22
بىر ھەپتىدىن بۇيان، 2009 - يىلى يۈز بەرگەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسى ھەققىدە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقى ئۈچۈن، 2009 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن، "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن"دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان غەيرەت نىيازنىڭ، خىتاي قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانداق جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر خەلقارا مەتبۇئاتلاردىكى قىززىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئورگانلىرى غەيرەت نىيازنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن، مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى يەنى 21 - ئىيۇل سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تۈنۈگۈن كەچكىچە سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تور بېتىدە، " غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت 28 - ئىيۇلغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.