خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ غەيرەت نىيازنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ژورنالىست غەيرەت نىيازنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن درىكتورى كەتېرىن بەيبېر، ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، "ئۇيغۇر خەلقنىڭ دەرد - ئەلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىق سەۋەبىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، ئاخباراتچىلىق نۇقتىسىدىن ھەددىدىن ئاشقان جازا ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، "ئۇنىڭ ئۈستىگە غەيرەت نىيازنىڭ سۆزى بويىچە، ئۇ ئاۋام پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دائىرىلەرنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان" دەپ ئەسكەرتتى.

غەيرەت نىياز 2009 - يىلى ئۆكتەبىردە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا "نۇرغۇن بايانات" بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى غەيرەت نىيازنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقۋەسىدىن بۇرۇن يازغان ماقالە ۋە ئوبزورلىرىنى شۇنداقلا خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بايانلىرىنى "جىنايى"پاكىت قىلىپ قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەيرەت نىياز، بۇ سۆھبەتلىرىدە"قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كەتېرىن بەيبېر خىتاي دائىرىلىرىنى غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ،" غەيرەت نىياز ۋىجدان مەھبۇسى، ئۇ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.