ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزى غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

بېيجىڭدىكى ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئۇلار باياناتىدا، غەيرەت نىيازنىڭ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يېتىم بالىلار مەسىلىلىرى، بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرى قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە غەيرەت نىيازنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي سوتلىرى قارىلىغاندەك "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغۇچى" ئەمەس، ئەكسىچە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ھىمايە قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەر كىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ۋە ئەدلىيە ئورۇنلىرىنى غەيرەت نىيازنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزى بۇ باياننامىسىنى خىتاي دۆلەت كابىنتى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ يوللىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن سابىق "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى ۋە ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش جىنايىتى بېكىتىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.