بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر غەززە رايونىغا يەنە ياردەم ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كىرمەكچى

سەيشەنبە كۈنى تۈركىيىگە جايلاشقان بىر ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى، يەنە بىر تۈركۈم پائالىيەتچىنىڭ ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قاراتقان قامالنى بىكار قىلىشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت غەززىگە بارىدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاسىيالىق بولۇپ، بۇلار جەمئىي 500 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، تۈركىيىدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززىگە يوللىنىدىغان ياردەم ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇ يىل 20 - دېكابىر ھىندىستاندىن يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ياردەم ئەسلىھەلىرى ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى قامال قىلغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىق خاتىرە كۈنى، يەنى 27 - دېكابىر ئىسرائىلىيە كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىغا يېتىپ بارىدىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش ئەترىتىگە تۈركىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيا ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.

تۈركىيىدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەشكىللىگەن پىدائىيلار بۇ يىل مايدىمۇ غەززە رايونىغا ياردەم ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كىرمەكچى بولغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوراللىق توسقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋە توقۇنۇشتا تۈركىيىلىك 9 پائالىيەتچى قازا قىلغان ئىدى.