خوڭكوڭدا چىقىدىغان "نۇر" گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە، ئوچۇق سوتنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغانلىقىنى، ئوچۇق سوتتا مەمتىلى ئابدۇراخمان قاتارلىق 12 نەپەر ئۇيغۇرغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بۇيىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئەلى قۇناخۇن قاتارلىق 12 نەپەر ئۇيغۇرغا دۆلەت ئامانلىقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 4 - ۋە 12 - ئاۋغۇست كۈنلىرى قەشقەردە، 10 - ئاۋغۇست كۈنى كۇچادا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋە خىتاي ژاندارما قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە جۈملىدىن ئىلى ئوبلاستىدا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئوچۇق سوت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھوقۇقى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى مىللى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلغان.
لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە 12 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت ئامانلىقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەنگۈدەك زادى قانداق كونكرېت "قىلمىشلار"نى سادىر قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا قانچىلىك جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.