غۇلجىدا يۈز بەرگەن يامغۇر ئاپىتىدە 4 ئادەم ئۆلگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.16
2010.07.16
بۇ جەرياندا يەنە قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ، ئىلى جىلسىدىكى 110 مىڭ مو زىرائەت ۋەيران بولغان. بۇنىڭدىن سىرت غۇلجا ناھىيىسىدە قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر ناھىيىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە مەشغۇلات ئۈستىدىكى ئىككى نەپەر ئىشچى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، جەسىتى كېيىن تېپىلغان.
نۆۋەتتە، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئىلىنىڭ جېلىليۈزى، قورغاس، چاپچال، موڭغولكۈرە قاتارلىق ناھىيىلىرىدە 60 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 4 مىڭغا يېقىن ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۆرۈلگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە 130 مىڭ مو زىرائەتنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى قانداق قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.