گېرمانىيە ئافغانىستاندىكى ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى

گېرمانىيە پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستاندىكى گېرمانىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەمدە ئافغانىستاندا مەۋجۇت گېرمان قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى 4500 گە كۆپەيتىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرى تەركىپىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گېرمان قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە ئۇلار نىڭ سانىنى 4500 گە كۆپەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى گېرمانىيە پارلامېنتىدا 96 ئاۋازغا قارشى 442 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى فرانس جۇزىف يۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە ھەربىي قىسىملىرى ھەم ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدىكەن، ھەم ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئافغان مىللىي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تەلىم ۋە تەربىيىسىدە رول ئالىدىكەن.

گېرمانىيە ھەربىي قىسىملىرى ئاساسەن تىنچ ۋە توقۇنۇشلاردىن خالى بولغان ئافغانىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، گېرمانىيە خەلقى گېرمان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى توقۇنۇشلارغا قاتنىشىشىغا قارشى چىقماقتا.