گېرمانىيە يۈك پاراخوتى ھىندى ئوكياندا سومالى قاراقچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى

گېرمانىيىنىڭ بىر دانە 20 مىڭ توننىلىق يۈك پاراخوتى ھىندى ئوكياندا سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بولۇپ، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر پاراخوتتا 24 نەپەر دېڭىزچى بار ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-04-05
Share

گېرمانىيىنىڭ مەزكۇر يۈك پاراخوتى كېنىيە دېڭىز تەۋەسى بىلەن سەيشىل تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا توغرا كەلگەن جايدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە، مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلار 13 يۈك پاراخوتى ۋە 240 نەپەر دېڭىزچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

ھىندى ئوكيان، يۈك پاراخوتلىرى ئەڭ كۆپ قاتنايدىغان ئوكيان بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى باغلايدىغان مەزكۇر ئوكياندا سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى ھەر قايسى دۆلەت يۈك پاراخوتلىرى ۋە دېڭىزچىلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارالىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت