گېرمانىيىنىڭ مەزكۇر يۈك پاراخوتى كېنىيە دېڭىز تەۋەسى بىلەن سەيشىل تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا توغرا كەلگەن جايدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە، مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلار 13 يۈك پاراخوتى ۋە 240 نەپەر دېڭىزچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.
ھىندى ئوكيان، يۈك پاراخوتلىرى ئەڭ كۆپ قاتنايدىغان ئوكيان بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى باغلايدىغان مەزكۇر ئوكياندا سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى ھەر قايسى دۆلەت يۈك پاراخوتلىرى ۋە دېڭىزچىلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارالىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.