خىتايGoogle نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى يېڭىلاپ بەردى

Google شىركىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى Google ئىزدەش تورىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى يېڭىلاپ بەرگەن. Google شىركىتىنىڭ باش قانۇن مەسلىھەتچىسى دەيۋىد درۇمموند جۈمە كۈنى يازما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەت كىنىشكىمىزنى يېڭىلاپ بەرگەنلىكى بىزنى ناھايىتى خۇرسەن قىلدى. بىز خىتايدىكى تور قوللانغۇچى خېرىدارلىرىمىزغا ئۈزلۈكسىز تور ئىزدەش ۋە يەرلىك مەھسۇلات مۇلازىمىتى قىلىشنى كۈتىمىز" دېگەن.

لېكىن، خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئۇچۇر سانائەت مىنىستىرلىقى Google غا تىجارەت كىنىشكىسى يېڭىلاپ بېرىلگەنلىك مەسىلىسىگە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. Google نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى بۇ يىل 6‏- ئايدا توشقان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى Google غا تىجارەت كىنىشكىسى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، Google نىڭ سودا مەشغۇلاتىغا نۇرغۇن توسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ پەرىزى توغرا چىقمىدى.

Google شىركىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلەپ، بەزى خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ Google دىكى خەت ساندۇقى خاكلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچى بەزى جەمئىيەتلەر خىتاينىڭ Google غا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ، خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشنىڭ قانۇنى يوللىرىغا باش ئۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.