مۇتەخەسسىسلەر گۇاڭدۇڭنى سىياسىي ئالاھىدە رايون قىلىشنى چاقىرىق قىلدى

گۇاڭجۇدا چىقىدىغان جەنۇبىي شەھەر گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭدىكى مۇتەخەسسىسلەر، گۇاڭدۇڭنى سىياسىي ئالاھىدە رايون قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 31 - ئىيۇل كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقات ئورنى، ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپى، ئۆلكىلىك ئىقتىساد كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئالىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىن " گۇاڭدۇڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ 30 يىللىقى" دېگەن تىمىدا بولۇپ، يىغىندا كېيىنكى 30 يىلدا گۇڭدۇڭ نېمە قىلىش كېرەك دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.08.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يىغىندا تۈزۈلمە ئىسلاھات تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى لولى سۆز قىلىپ، گۇاڭدۇڭنى كېيىنكى 30 يىلدا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىن سىياسىي ئالاھىدە رايونغا ئۆزگەرتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چاقىرىق يىغىندا كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. چاقىرىققا مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ ياڭغا سۇنغان.

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر چاقىرىققا خۇجىنتاۋ گۇرۇھىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ، گۇاڭدۇڭدا گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش بىر ئاممىۋىي ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋاقىتتا، ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.